ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەتلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىشنى قارار قىلدى.

1576437
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى ئۈچىنچى دۆلەتلەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلىنىدىغان ساياھەتلەردە يېڭى قارار چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ساياھەتلەردىكى چەكلىمىلەردە يېڭى تەۋسىيە قارارى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىن قىلىنىدىغان ساياھەتلەردە ئەڭ كۆپ بولغاندا 72 سائەت بۇرۇن قىلىنغان ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىنىڭ مەنپىي نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدىكەن. توشۇمىچىلىق ۋە چېگرادا خىزمەت قىلىدىغانلار ۋە دېڭىز خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن تېز دىياگنوز قويۇلىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ نەتىجىسى يېتەرلىك بولىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى 14 كۈنگىچە كارانتىن قىلىشنى ياكى قوشۇمچە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلالايدىكەن. كارانتىن قىلىش ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يېڭى تۈرى بايقالغان دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەجبۇرىي بولمىغان ساياھەتلەردە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ قانداق ئەھۋاللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرمۇ يېڭىدىن بېكىتىلدى.

بۇىڭغا ئاساسلانغاندا، بىر دۆلەتكە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن 14 كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 100 مىڭ كىشىدە 25 تىن ئاز بولۇشى، يەتتە كۈن ئىچىدە 100 مىڭ كىشى بېشىغا ئەڭ ئاز 300 تەكشۈرۈش، يەتتە كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلارنىڭ %4 تىن ئاز بولۇشى ۋە دۆلەتتە يېڭى تۈر ۋىرۇسنىڭ بايقالماسلىقى كېرەك ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەزكىزى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى (2020) ۋابا باشلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر مەجبۇرىي بولمىغان ساياھەتلەرگە چەكلىمىلەرنى قويغان ئىدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يېڭىدىن چىقىرىلغان تىزىملىكتە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور، تايلاند، رىۋاندا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر، بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ سىرتىدا ئىكەن.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر