ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا مىڭلىغان كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1574691
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن  ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، رۇسىيەدە تۈرمىگە تاشلانغان ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا مىڭلىغان كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

5 – فېۋرالدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتقان جوسېپ بوررېل ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن رۇسىيەدە (تۈنۈگۈن) يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا قوپاللىق قىلىنىشىدىن ئەپسۇسلاندىم» دېدى.

ئاۋامنىڭ باستۇرۇش ئەندىشىگە دۇچار بولماستىن نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن بوررېل،  رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پايتەخت موسكۋا ۋە ست.پېتېرسبۇرگ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە قاماقتىكى ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن رۇخسەتسىز نامايىشلارغا — كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي—مىڭلارچە كىشى قاتناشقانىدى.

ساقچىلار كۆپىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلغان، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 82 سى ژۇرنالىست بولۇپ جەمئىي 3800 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ناۋالنىينىڭ ئايالى يۇلىيا ناۋالنايانىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر