ئىراقتا بىر ناۋايخانا پارتلاپ، 26 كىشى يارىلاندى
ئىراقتا گاز سېزىش سەۋەبىدىن ناۋايخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 26 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئۇلاردىن 3 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
1574400
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ دىۋانىيە شەھىرىدىكى بىر ناۋايخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ شىددىتى بىلەن ناۋايخانا جايلاشقان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
پارتلاش ئەتراپقا ئېغىر زىيان سالدى. ۋەقەگە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.