ئامېرىكادا بىر ئۆيدىن بەش كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئامېرىكانىڭ ئىندىئاناپولىس شەھىرىدىكى بىر ئۆيدە بىر ھامىلە ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي بەش كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1570509
ئامېرىكادا بىر ئۆيدىن بەش كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار مەسئۇللار تۈنۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى  سائەت 4:00 ئەتراپىدا، كەلگەن ئىسىتىخباراتقا بىنائەن رايونغا بارغان ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ ئىندىئانپولىستىكى بىر ئۆيدىن 5 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئۆيدە بىر ھامىلە ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي بەش كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھامىلدار ئايالنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بىراق قورسىقىدىكى بوۋاقنى بولسىمۇ قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولمىغانلىقى ھەمبەھىرلەندى.

ساقچىلارنىڭ دوكلاتىدا يەن، بۇ كىشىلەرنىڭ قورال بىلەن يارىلانغانلىقىنىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر