بورىس جونسون ئامېرىكانىڭ يېڭى  پىرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن كۆرۈشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1569769
بورىس جونسون ئامېرىكانىڭ يېڭى  پىرېزىدېنتى جو بايدېن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك 10-نومۇرلۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بورىس جونسون جو بايدىننى ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن ئىتتىپاقداشلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

باش ۋەزىر جونسون بايدېننىڭ كېلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك پارىژ كېلىشىمىگە قايتىدىن قوشۇلۇش قارارىدىن مەمنۇن بۇلغانلىقىنى تەكىلىگەن.

ئىككى رەھبەر كوۋىد-19 سەۋەبىدىن دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇھىم خىرىسلار بىلەن بىرگە كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشنىمۇ  مۇزاكىرە قىلغان.

جونسون ۋە بايدېن ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقى ئاساسىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى  بىلەن بىرگە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش قاتارلىق ئورتاق قىممەت قاراشلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى قايتا تەكىتلەشكەن.

ئىككى رەھبەر يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ پايدىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە شارائىت يار بەرگەن ھامان ئۇچرىشىشقا قوشۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر