ترامپنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلايدىغان كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمىنى بىلىدىغان كىشىلەرنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ ئابۇزەبى ھۆكۈمىتىگە 50 دانە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 18 دانە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان.
تۈنۈگۈن (2021-يىلى 20-يانۋار) ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بولسا، بۇ كېلىشىمنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇزۇندىن بۇيان ۋاشىنگتوندىن F-35 سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ 2020-يىلى 11-ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرغاندىن كېيىن يولى ئېچىلغان ئىدى.