ئىران ترامپ قاتارلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئىران دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك توققۇز نەپەر ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ ئىراننىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1567627
ئىران ترامپ قاتارلىق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد خاتىبزادە، بۈگۈن ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك توققۇز نەپەر ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ ئىراننىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر، مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستوفىر مىللېر، مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى گىنا خاسپېل، سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكانىڭ ئىران مەسىلىلىرى بويىچە سابىق ئالاھىدە ۋەكىلى جون بولتون، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا ۋە ئىران ئالاھىدە ۋەكىلى ئېللىئوت ئابرامس قاتارلىقلارنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئىراننىڭ جازا تىزىملىكىگە قوشۇلغان.

خاتىبزادە، ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنغا «ئىران ۋە پۇقرالىرىغا قارىتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تاشلىغان قەدەملىرى» سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قاسىم سۇلەيمانىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە ئىرانغا قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خاتىبزادە، بۇ كىشىلەرنىڭ «جىنايەتلىرى» توغرىسىدىكى تەپسىلىي باياناتنىڭ پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر