ترامپ ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋىدالىشىش نۇتۇقىدا يېڭى پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.

1567376
ترامپ ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ جو بايدىننىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا بىر قانچە سائەت قالغاندا ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا سايلام نەتىجىلىرىگە ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ترامپ ۋىدالىشىش نۇتۇقىدا: «بۇ ھەپتە يېڭى بىر رەھبەرلىك ئاپپاراتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ ۋە بىز ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باياشاتلىقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ترامپ 6 – يانۋاردىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ: «دۆلەت مەجلىسىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن پۈتكۈل ئامېرىكالىقلار ساراسىمىگە چۈشتى. سىياسىي زوراۋانلىق، ئامېرىكا خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئەھمىيەت بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەمدى بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە سىياسىي كۈچىمىزنى ئورتاق قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىمىز ۋە ئورتاق نىشانلىرىمىزنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى.

ترامپ كوۋىد – 19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ ئىشلارنى ياخشى ئىدارە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىگە «تېببىي مۆجىزە» دەپ باھا بەردى.

تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى جەريانىدا «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق بولمىغان بىر تەرەپلىمە ھالەتتىكى خەلقئارالىق كېلىشىملەر»دىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ: «نۆۋەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو دۆلەتلىرى بىر قانچە يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يۈز مىلياردلارچە دوللار كۆپ پۇل بېرىۋاتىدۇ. ئوتتۇرىدا بىر تەڭسىزلىك بار ئىدى. پۈتكۈل دۇنيانىڭ چىقىمىنى بىز كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتۇق» دېدى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يەڭگەنلىكلىرىنى ۋە قاسىم سۇلەيمانىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ترامپ: «جەسۇر دىپلوماتىيەمىز ۋە پىرىنسىپال ئەمەلىيەتچانلىقىمىز نەتىجىسىدە ئوتتۇرا شەرقتە بىر قانچە تارىخىي تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا مۇۋەپپەق بولدۇق. بۇ يېڭى ئوتتۇرا شەرقنىڭ شەپەقى ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭمۇ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بولۇپمۇ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يېڭى بىر ئۇرۇشقا كىرمىگەن تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇشتىن ئىپتىخارلىنىمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ترامپ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراينىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى ستېۋ باننوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 73 كىشى توغرىسىدا كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلدى.

ئاقسارايدىكى ئاخىرقى كۈنى ترامپنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىشكە سەھنە بولدى؛ ترامپنىڭ قىزى تىففاني ترامپ ئىنستاگرام ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ مايكېل بولوس بىلەن ئۆيلىنىشى ئۈچۈن چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر