دونالد ترامپ يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇش تەييارلىقى قىلماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىنلىرى بىلەن يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1567585
دونالد ترامپ يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇش تەييارلىقى قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە يېقىن كىشىلەرنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، بۈگۈن ئاقساراي بىلەن خوشلىشىدىغان دونالد ترامپنىڭ يېڭى بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دونالد ترامپنىڭ مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە يېقىن ئەتراپىدىكىلەر بىلەن بۇ يېڭى پارتىيە ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان مەنبەلەرنىڭ، پارتىيە نامىنىڭ «Patriot (ۋەتەنپەرۋەرلەر) پارتىيەسى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكادا دونالد ترامپنى قوللايدىغان بىر قىسىم نامايىشچىلار ئامېرىكا كونگرەسىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن پىكرى جەھەتتە زىددىيەتكە چۈشكەن ئىدى.

ترامپ 2020-يىلى 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق سايلامدا «ئالدامچىلىق» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سالام نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.

دونالد ترامپ بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئىشتاتلاردا ئاچقان قانۇنىي دېلولاردا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

سايلامنىڭ غالىبى جو بايدىن بۈگۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 12:00 دە، (ئەنقەرە ۋاقتى 20:00 دە) قەسەم بېرىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر