مېكسىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
مېكسىكادا بىر دەپنە مۇراسىمى ئەسناسىدا ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1560375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ گۇئاناجۇئاتو ئۆلكىسىگە قاراشلىق كېلېيا شەھىرىدە، نامەلۇم قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ دەپنە مۇراسىمى قاتناشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1 كىشى يارىلاندى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن زوراۋانلار قېچىپ كەتكەن ۋە ۋەقە تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.