ۋېنگىرىيە ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشتە ئارقىدا قالغانلىقىنى تەنقىدلىدى

ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىشتا خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى، كېلىشىمنىڭ كېچىككەنلىكىنى ۋە  ناچار بىر كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1558293
ۋېنگىرىيە ياروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشتە ئارقىدا قالغانلىقىنى تەنقىدلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مۇئاۋىن مىنىستىرى تاماس مېنجزېر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىشتا خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىسرائىلىيە سېلىشتۇرغاندا ئارقىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى.

تاماس مېنجزېر باياناتىدا،  ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن «Pfizer» شىركىتى بىلەن ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوخشاش شىركەت بىلەن نويابىردا كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ۋە كېلىشىمدىكى ۋاكسىنا مىقدارىنىڭمۇ ئاز بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاماس مېنجزېر: «بىريۇسسېلنىڭ كېچىكىپ كېلىشىم تۈزگەنلىكى ھەمدە ناچار بىر كېلىشىم بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە. شۇڭا بىز ئەمدىلىكتە تېخىمۇ كۆپ ۋاكسىنا ئالالمايۋاتىمىز» دېدى.

تاماس مېنجزېر ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاكسىنا مەسىلىسىدە ھەم خىتاي، ھەم رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋېنگىرىيەگە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىنى تېز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شەرق-غەرب دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر