بايدىن بوزقىرغا مەكتۇپ يوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ۋولقان بوزقىرغا يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىق مەسىلىسىدە مەكتۇپ يوللىدى.

1557429
بايدىن بوزقىرغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقىى ۋولقان بوزقىر، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جو بايدىننىڭ ئۆزىگە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن كىلىمات ئۆزگىتىشىنى كونترول قىلىش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يوللىغان مەكتۇبىدىكى مۇنۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى: «سىز بىلەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى تەقەززا قىلىدىغان تۈرلۈك قىيىن ئۆتكەللەر ۋە پۇرسەتلەر مەسىلىسىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر