ھىندىستاندا بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 23 ئادەم قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ غازىئاباد شەھىرىدە دەپنە مۇراسىمى ئىشتىراكچىلىرى يامغۇر يۈزىسىدىن كىرىۋالغان بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى...
1556791
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ غازىئاباد شەھىرىدە دەپنە مۇراسىمى ئىشتىراكچىلىرى يامغۇر يۈزىسىدىن كىرىۋالغان بېتون سايىۋەن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 23 ئادەم قازا قىلدى.
مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مۇراسىم جەريانىدا بېتون سايىۋەننىڭ ئاستىغا كىرىۋالغان 38 كىشى خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغان.
قۇتقۇزۇش خادىملىرى 23 كىشىنىڭ جەسىتىنى خارابىلىك ئاستىدىن چىقارغان، يارىلانغانلار بولسا يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغان.
ئىگلىنىشىچە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.