ئىراقلىق 100 نەپەر كۆچمەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈركىيەدىن ئىراققا قايتتى

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 6 يىل ئىلگىرى تۈركىيەدىن پاناھلىق تېلىگەن  100 نەپەر كۆچمەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىراققا قايتتى.

1556330
ئىراقلىق 100 نەپەر كۆچمەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈركىيەدىن ئىراققا قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۆچمەنلىك ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى ۋە ئىراقنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز ئىخىتىيالىقى بىلەن ئاپتوبۇستا يۇرتلىرىغا قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا كۆچمەنلەرنىڭ موسۇل، ئەنبار ۋە سالاھاددىن شەھەرلىرىگە بارغانلىقى شۇنداقلا ئەمدىلىكتە بۇ شەھەرلەرنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 2014 - يىلى ئىيۇندا ئىراقنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 5 مىليوندىن ئارتۇق ئىراق پۇقراسى ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان شىمال ۋە جەنۇبتىكى شەھەرلەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

ئىراقنىڭ 2017 - يىلى دىكابىردا دائېشتىن تازىلانغانلىقى ۋە بارلىق شەھەرلەرنىڭ تەشكىلاتتىن قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى كۆچمەنلىك سالاھىيىتىگە ئىگە يۈز مىڭلىغان ئىراق پۇقراسى توقۇنۇش جەريانىدا ۋەيران بولغان رايونلارنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشلىرى تاماملانمىغانلىقى يۈزىسىدىن يەنىلا يۇرتلىرىغا قايتالمايۋاتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر