نورۋېگىيەدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى
نورۋېگىيەنىڭ گجېردرۇم يېزىسىدا 30 - دېكابىردا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى.
1556339
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئوسلوغا 40 كىلومىتىر كېلىدىغان گجېردرۇم يېزىسىدىكى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەن 10 كىشىنىڭ 3 نەپىرىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.
ساقچى باياناتچىسى كنۇت ھاممېر، قالغان 7 كىشىنىڭ ھازىرچە ئورنى ئېنىقلانمىغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنى تىرىك تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نورۋېگىيەنىڭ گجېردرۇم يېزىسىدا 30 – دېكابىر كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 03:59 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 10 كىشىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
رايوندىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى.