شەرق ئەللەرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار:

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 826 مىڭ 373 كشىگە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 83 مىليون 842 مىڭغا ۋە  ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 59 مىليون 345 مىڭغا يەتتى.

1555660
شەرق ئەللەرىدىكى يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 149 مىڭ 18 گە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10 مىليون 286 مىڭغا يەتتى.

خىتاي دائىرىلىرى يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان 4634 كىشىنىڭ كوۋىد-19 سەۋەبدىن قازا قىلغانلىقىنى ۋە 87 مىڭ 71 كىشىنىڭ يۇقۇمالانغانلىقىنى بىلدۈردى.  خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى (NCH) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 19 يېڭى يۇقۇملىنىش بايقالغان، بۇنىڭ 9 نەپىرى دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن. دۆلەت ئىچىدىكى 5 يۇقۇملانغۇچى پايتەخت بېيجىڭدا، قالغان 4 يۇقۇملانغۇچى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە بايقالغان. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن. خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئەنگلىيەدە ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەن تېز تارقىلىشچان ۋىرۇسنىڭ  شاڭخەيدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق شېنياڭ ۋە داليەن ئايرودورۇملىرىدا يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشقاندىن كېيىن، يولۇچىلار يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە مەجبۇرىي كوۋىد-19 تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.

جەنۇبىي كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 17 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 917 گە يەتكەن. جەنۇبىي كورېيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1029 يېڭى يۇقۇملىنىش بايقالغان، شۇنىڭ بىلەن ئومۇمىي يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 61 مىڭ 769 غا يەتكەن.

كوۋىد -19 سەۋەبىدىن باشقا دۆلەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

رۇسىيەدە 57 مىڭ  ، ئىراندا 55 مىڭ 223، جەنۇبىي ئافرىقادا 28 مىڭ 469، ھىندونېزىيەدە 22 مىڭ 138، ئىراقتا 12 مىڭ 813 ۋە پاكىستاندا 10 مىڭ 176 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر