ئىسرائىلىيە بۇ يىل سۈرىيەدىكى 50 ئورۇننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ يىل سۈرىيەدىكى 50 ئورۇنغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1555326
ئىسرائىلىيە بۇ يىل سۈرىيەدىكى 50 ئورۇننى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، 2020- يىلى بومباردىمان قىلىنغان سۈرىيەدىكى 50 ئورۇننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىران ھىمايىسىدىكى گۇرۇپپىلارغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دوكلاتتا، بۇ يىل يەنە لىۋان ھىزبۇللاھىنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقى ۋە مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە 176 راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقى؛ راكېتامىيوتلارنىڭ 80 دانىسىنىڭ تۆمۈر گۇمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقى، 90 دانىسىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى تاشلاندۇق يەرلەرگە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ يىل ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2277 پەلەستىنلىكنىڭ تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە رايوندىكى ئىران قىسىملىرىنى باھانە قىلىپ، سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا، جۈملىدىن دەمەشقتە كۆپ قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

گەرچە تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيە سۈرىيەگە قىلىنغان نۇرغۇن ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئارقسىىدا ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر