ئىران ئىراقتىن چىقىرالمىغان پۇلى بىلەن ۋاكسىنا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران ئېنېرگىيە مىنىستىرى رىزا ئەردەكانيان ئىراققا ئېكسپورت قىلىنغان تەبىئىي گازدىن قولغا كەلگەن بىراق ئامېرىكا بانكچىلىق ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن ئىرانغا يۆتكىيەلمىگەن پۇللىرى بىلەن ياۋروپادىن كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1554607
ئىران ئىراقتىن چىقىرالمىغان پۇلى بىلەن ۋاكسىنا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىزا ئەردەكانيان ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» غا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمە بانكىچىلىق ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن ئىرانغا  يۆتكىگىلى بولمىغان ۋە ئىراقتا  تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەبلىغىگە ئېرىشىش توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

رىزا ئەردەكانيان ئىراق مەسئۇللىرى بىلەن ئىراقتىكى مەبلەغنى ئىشلىتىپ، ياۋروپا شىركىتىدىن كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىشقا كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەبلەغكە بالدۇرراق ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىراننىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى رىزا ئەردەكانيان ئىراق تۆلىمىگەن تەخمىنەن 6 مىليارد دوللارلىق قەرزى سەۋەبىدىن ئىراقنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئىراقتا زىيارەتتە بولغان ئىدى.

رىزا ئەردەكانيان زىيارەت دائىرىسىدە ئىراق باش مىنىستىرى مۇستاپا كازىمى، ئىراق مەركىزىي بانكىسى باشلىقى مۇستاپا غالىب شۇنداقلا ئىراق ئېلېكتر ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئىران ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپلىمە بانكاچىلىق ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مىلياردلارچە دوللارلىق مەبلىغىگە ئېرىشەلمەي كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #ئىراق , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر