يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى بىر مىليون 783 مىڭ 865 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 81 مىليون 761 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 57 مىليون 901 مىڭ 925 كە يەتتى.

1553994
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 343 مىڭ 182 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليون 781 مىڭ 718 گە يەتتى. ئامېرىكا مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى برېت گىروئېر،  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن تۈرىنىڭ دۆلەتتە تارقالغانلىقىغا دائىر بىرەر دەلىلنىڭ يوقۇلۇقىنى، لېكىن، يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇچۇر – ئالاقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تارقالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سەھىيە تارماقلىرى كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ساياھەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن، تۈنۈگۈن 1 مىليون 280 مىڭ يولۇچى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ رەقەم 3-ئايدا يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ يولۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشچە، يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئايرودۇرۇملاردىن جەمئىي 10 مىليون 200 مىڭ يولۇچى سەپەر قىلغان. بۇ ئارىلىقتا، ئاۋام پالاتاسى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشكە ياردەم قانۇن لايىھەسىدىن ئورۇن ئالغان 600 دوللارلىق نەق پۇلنى 2000 دوللارغا ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك لايىھەنى ماقۇللىدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 445 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 72 مىڭ 370 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 56 مىڭ 277 گە يەتتى.

ئەنگىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 357 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 71 مىڭ 109 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 329 مىڭ 730 غا يەتتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە قازا قىلغان 298 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 50 مىڭ 122 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 879 مىڭ 413 كە يەتتى.

پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 58 كىشىنىڭ قازا قىلغانىقىنى، 2 مىڭ 93 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 6 مىڭ 677 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 396 مىڭ 666 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 31 مىڭ 176 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بىر مىليون 670 مىڭ 194 كە يەتتى.

بەزى غەرب ئەللىرىدىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيەدە 191 مىڭ 641؛  مېكسىكادا 122 مىڭ 855؛ فىرانسىيەدە 63 مىڭ 109؛ ئارگېنتىنادا 42 مىڭ 868؛ كولومبىيەدە 42 مىڭ 374؛ پېرۇدا 37 مىڭ 525؛ پولشادا 27 مىڭ 147؛ بېلگىيەدە 19 مىڭ 274؛ ئۇكرائىنادا 17 مىڭ 789؛ چىلىدا 16 مىڭ 443؛ رۇمىنىيەدە 15 مىڭ 334؛ كانادادا 15 مىڭ 121؛ ئېكۋادوردا 13 مىڭ 994؛ چېخىيەدە 11 مىڭ 152؛ گوللاندىيەدە 11 مىڭ 42.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر