سومالىدا پارتلاش يۈز بەردى

سومالىدا بىر ئاپتوموبىلنىڭ يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنا ئۈستىدىن ئۆتۈشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1553781
سومالىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى خەۋەر ئاگېنتلىقى — سوننانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش جۇبا رايونىنىڭ كىسمايو شەھىرى بىلەن دوبلېي شەھىرى ئوتتۇرىسىدا يولدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ۋەقەدە بىرى ئالتە ئايلىق بىر بوۋاق بولۇپ جەمئىي يەتتە كىشى قازا قىلغان.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى پات – پاتلا سومالى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر