ئامېرىكادا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليوندىن ئاشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 341 مىڭدىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليوندىن ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 341 مىڭ 138 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 19 مىليون 573 مىڭ 800 گە يەتكەن ۋە يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، سەزگۈر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئانتونىي فاۋچى، دۆلەتنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق باسقۇچىنى تېخى باشتىن كەچۈرمىگەن بولۇش ئېھتىماللىقى» توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇشى مۇمكىن.» يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشكە ياردەم پىلانىنى تەسىقلىدى. ياردەم پىلانى دائىرىسىدە، يىللىق كىرىمى 2019-يىلى 75 مىڭ دوللار ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغانلارغا 600 دوللار بىۋاسىتە نەق پۇل ياردىمى بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.