كونگودا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

ئۇگاندادىن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار كېمىسىنىڭ ئالبېرت كۆلىدە غەرق بولۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 33 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1551720
كونگودا ئېغىر كېمە قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىتۇرۇ ۋىلايىتى ۋاڭگونو رايونى ئاقساقاللىرىدىن ۋىتال ئادۇبانگا بايانات بېرىپ، ئۇگاندادىن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار كېمىسىنىڭ كولوكوتو بازىرىغا يېقىن جايدا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) چەكلىمىلىرى سەۋەبىدىن دۆلىتىگە قايتالمىغان كونگولىقلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ھازىرغا قەدەر 33 قازا قىلغۇچى ۋە يەتتە ھايات قالغۇچىنى ئېنىقلىدۇق» دېگەن ئادۇبانگا كوۋىد -19 ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئۇگاندادا قاپسىلىپ قالغان  كونگو سودىگەرلىرىنىڭ يېرىم كېچىدە كېمە ۋە قولۋاقلارغا ئولتۇرۇپ ئالبېرت كۆلى ئارقىلىق يۇرتىغا قايتماقچى بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قازاغا شىددەتلىك بوراننىڭ سەۋەب بولغان بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.


خەتكۈچ: #كېمە , #كونگو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر