كاراچىدا پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە ئالتە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 16 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1550191
كاراچىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كاراچى ساقچى دائىرىلىرى، شەھەرنىڭ يېڭى كاراچى سانائەت رايونىدىكى مۇز ۋە سوغۇق ساقلاش زاۋۇتىنىڭ پار قازىنى بۆلۈمىدە نامەلۇم سەۋەبتىن پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا ۋەقەدە ئالتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 16 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن دائىرىىلەر، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر