ئالجىرىيە فىرانسىيەدىن مۇستەملىكە دەۋرىگە ئائىت ھۆججەتلەرنى تەلەب قىلدى

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى مەسلىھەتچىسى ئابدۇلمەجىد شەيخ فىرانسىيەدىن مۇستەملىكە دەۋرىگە تەۋە ھۆججەتلەرنى تەلەب قىلدى.

1549784
ئالجىرىيە فىرانسىيەدىن مۇستەملىكە دەۋرىگە ئائىت ھۆججەتلەرنى تەلەب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇلمەجىد شەيخ دۆلەت رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى مۇستەملىكىچى ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئارخىپلارنى يېپىپ قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونن شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئالجىرىيەلىك مەنسەپدىشى ئابدۇلمەجىد تەببۇنغا فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرى ھۆججەتلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتنىڭ 2021 – يىلى يانۋاردا تەييار بولىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن ئىدى.

فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئالجىرىيە تارىخ مۇتەخەسسىسى بېنجامىن ستورا ماكرونغا مۇستەملىكە ئارخىپلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر دوكلات سۇنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر