كابۇلدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلدى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەنە 2 كىشى يارىلاندى.
1544509
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ خەيرخانە رايونىدا بروۋنىك ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىدى.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بۇ ھۇجۇمنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاپتوموبىلىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.