ئەرمېنىيەدە نامايىشلار قايتىدىن باش كۆتۈردى
ئەرمېنىيەلىكلەرنىڭ باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ باشلىغان نامايىشلىرى قايتىدىن ئەۋج ئالدى.
1542242
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغالى ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئەرمېنىيەدە قالايمىقانچىلىقلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا؛ پايتەخت ئەرىۋان ۋە باشقا شەھەرلەردىكى بەزى رايونلارغا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىش – چىقىشلىرى چەكلەندى.
بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ساقچىلارنىڭ كەم دېگەندەك 90 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەرمېنىيە تاراتقۇلىرى نامايىشچىلارغا قاتناش قىيىنچىلىقى پەيدا قىلىش ئۈچۈن پايتەخت ئەرىۋاندىكى پويىز قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.