فىرانسىيەدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

فىرانسىيەنىڭ سافۋا (Savoie) رايونىدا ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1542102
فىرانسىيەدە بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، بىر تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ۋەقەدە ئۈچ نەپەر ھاۋا قۇتقۇزۇش خادىمى ۋە ئىككى نەپەر جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا، فىرانسىيە خەلقى نامىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سەۋر ۋە قوللاش تىلەكلىرىدە بولدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن (Gerald Darmanin) ئەتە (2020-يىلى 10-دېكابىر) بەزى مەسئۇللار بىلەن بىرلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سافۋا ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، تۈنۈگۈن (2020-يىلى 8-دېكابىر) كەچتە شۇ يەر ۋاقتى 19:00 ئەتراپىدا ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت بىر تىك ئۇچارنىڭ 1 مىڭ 800 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر