سۇلايمانىيەدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى كىشى قازا قىلدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىييە شەھىرىدىكى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
1541259
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ سۇلايمانىييە شەھىرىدىكى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئىككى ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 15 ئادەم يارىلاندى.
ئالاقىدار تارماقلار، كىفرى ناھىيەسىدىكى نامايىشلار جەريانىدا نامايىشچىلار ئارىسىدىكى 26 ياشلىق بىر ياشنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان بىر كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
سۇلايمانىيەنىڭ سەيىدسادىق ناھىيەسىدىكى نامايىشلار ئەسناسىدا پارتىيە بىنالىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.