گېرمانىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس، دۆلىتىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بايانات بېرىپ، «بىز پىرىنسىپ جەھەتتىن ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم تۈركىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك دەپ ئويلايمىز» دېدى.
ئۇ يەنە، گېرمانىيەنىڭ گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى بىلەن تۈركىيەنى ياراشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئۇ يەردە تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلىرى بولۇشى كېرەكلىكى تېمىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.