ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ: تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان ۋەكىللىرى قاتاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1538788
ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ: تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تولونيۇزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئېلپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ھەيئىتى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەم رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى سىددىق سىددىقى دوھادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن.

ئافغانىستان دۆلەتلىك يارىشىش ئالىي كېڭىشى باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، تالىبان – ئافغانىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەت ھەيئەتلىرىنىڭ تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان كېلىشىمىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانىستاندا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇللاھ، بۇ جەھەتتە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنىنىڭ سۆھبەت نەتىجىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سىددىقى، «بۇ، ئافغان خەلقىنىڭ تىنچلىقنىڭ داۋاملىشىشى يۆنىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە تەلىپى سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنىڭ بىر ئالدىنقى باسقۇچىدۇر» دېگەن.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىدمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق سىددىقىنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز پېتى تەكرارلاپ، دەسلەپكى قەدەم رامكا كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

تەرەپلەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئافغانىستاندىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھەيئەتلىرىنىڭ  12 – سېنتەبىردە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا باشلانغان سۆھبەتلىرى بەزى كېلىشەلمەسلىكلەر يۈزىسىدىن توڭلىتىپ قويۇلغانىدى.

بۇ جەرياندا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى – تالىبان كېلىشىمىگە يۇقىرى باھا بەرگەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يەنە بېسىلىدىغان ئۇزۇن يول بار. نۇرغۇن توسۇقلاردىن ھالقىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ مۇھىم ۋە جاسارەت بىلەن تاشلانغان بىر قەدەم» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىمىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قارارغا «بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ باھا بەردى.

قاتار ۋە پاكىستان ھۆكۈمەتلىرىمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر