سىرىلانكانىڭ بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى تۈرمىسىدە چىققان ئىسياندا 8 مەھبۇس ئۆلتۈرۈلدى

سىرىلانكانىڭ غەربىي ئۆلكىسىدە بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 8 مەھبۇس قازا قىلىپ، 45 كىشى يارىلاندى.

1536710
سىرىلانكانىڭ بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى تۈرمىسىدە چىققان ئىسياندا 8 مەھبۇس ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئاجىت روھانا پايتەخت كولومبونىڭ شىمالىدىن 15 كىلومىتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى ماھارا تۈرمىسىدە مەھبۇسلارنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقىنى ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىسيانغا ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاجىت روھانا كونترول قىلىنماقچى بولغان نەچچە يۈزلىگەن مەھبۇسنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ۋە قاراۋۇللارنىڭ ئەھۋالنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاجىت روھانا سىرىلانكادىكى مەھبۇسلار ئەڭ كۆپ تۈرمىلەرنىڭ بىرى بولغان ماھارا تۈمىسىدىكى ۋەقەدە 8 مەھبۇس قازا قىلىپ، 45 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر قىسىم مەھبۇسلار ۋە 2 قاراۋۇلنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان روھانا، تۈرمىگە نەچچە يۈزلىگەن ياردەمچى بىخەتەرلىك قىسىم خادىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بىخەتەرلىكنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەھبۇسلار تۈرمىدە كوۋىد-19 يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇددەتتىن ئىلگىرى كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارنىڭ ھازىرلاپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە مەھبۇسلار ئەڭ كۆپ 5 تۈرمىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 2 مەھبۇس قازا قىلغان ۋە مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس يۇقۇملانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر