دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەتقىقاتچىلار تىزىملىكىگە 857 تۈرك تەتقىقاتچىنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلدى

857 تۈرك تەتقىقاتچى، دۇنيادىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەتقىقاتچىلار تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى ئىككى پىرسەنتىدىن ئورۇن ئالدى.

1534449
دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەتقىقاتچىلار تىزىملىكىگە 857 تۈرك تەتقىقاتچىنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارادېڭىز پەن -  تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، ستانفورد ئۇنۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرىدىن پروفېسسور دوكتور جون پ.ئا.ئىئوئاننىدىس ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان  ھەر خىل تارماق پەنلەردە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيادىكى يەتتە مىليون تەتقىقاتچى ئارىسىدىكى ئالدىنقى ئىككى پىرسەنتنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان 160 مىڭ كىشىنىڭ تىزىملىكى «پلوس بىئولوگىيە ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.

تىزىملىكنى تەييارلىىغاندا، 22 ئىلمىي ساھە ۋە 176 تارماق پەن تۈرىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىندېكس، نەشر بويۇملىرى ۋە نەقىل سانى قاتارلىقلار ئاساسىي ئۆلچەم قىلىنغان.

مەزكۇر تىزىملىككە 2019 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تۈركىيەدىن 857 تەتقىقاتچىنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر