ئافغانىستاندا 14 يىل ئىچىدە 26 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئۆلگەن ياكى مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 2005 – يىلىدىن 2019 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا 26 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ بەزىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1533075
ئافغانىستاندا 14 يىل ئىچىدە 26 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئۆلگەن ياكى مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ۋەخپى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ئافغانىستان بىلەن فىنلاندىيە تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2020 – يىللىق خەلقئارا ئافغانىستان يىغىنىدا، ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەرنى ئافغان بالىلارنىڭ كېلەچىكىنى قوغداپ قېلىشقا چاقىرغان بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 2005 – يىلىدىن 2019 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 5 بولۇپ جەمئىي 26025 بالىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئافغانىستاننىڭ دۇنيادىكى بالىلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك 11 دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان باشقا بارلىق رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا ئافغانىستاندا ئەڭ كۆپ بالىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ياكى مېيىپ بولۇپ قالغانلىقى تەكىتلەندى.

بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ۋەخپىنىڭ ئافغانىستانغا مەسئۇل ئەمەلدارى كىرىس نياماندى، «ھەردائىم بۈگۈننىڭ پەرزەنتىڭىز ئادەم بومبا ياكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلۈپ كېتىدىغان كۈن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى ۋەھىمىسى ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. بۇ، پەرزەنتلىرى ئۆلگەن ياكى مېيىپ بولۇپ قالغان ئون مىڭلارچە ئافغان ئاتا – ئانىغا نىسبەتەن ئاچچىق رېئاللىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر