ۋاشىنگىتوندىكى دونالد ترامپنى قوللاش نامايىشىدا مالىمانچىلىق يۈز بەردى

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «سايلامدا ھېلە ئىشلىتىلگەن» دەپ قارىغان قوللىغۇچىلىرى تۈنۈگۈن پايتەختتە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتىن كېيىن، كوچىلاردا مالىمانچىلىق يۈز بەردى.

1527934
ۋاشىنگىتوندىكى دونالد ترامپنى قوللاش نامايىشىدا مالىمانچىلىق يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا 3 – نويابىردائۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ھەققىدىكى  تالاش تارتىشلار داۋاملاشماقتا.

ۋاشىنگىتوندا ترامپنىڭ يۈزمىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى سايلامدا بېلەتلەرنىڭ ئوغىرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىليون <MAGA> ئامېرىكىنى قايتىدىن يۈكسەلتەيلى مارشى» نامىدا تىرامپقا بولغان قوللىشىنى نامايان قىلدى.

ترامپمۇ ئاپتوموبىلى بىلەن نامايىشچىلار تۇرغان ئەركىنلىك مەيدانىنى ئايلىنىپ چىقتى ۋە قول پۇلاڭلىتىپ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يەردىكى نۇتۇقلاردىن كېيىن قۇرۇلتاي بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

يەنە بىر گۇرۇپپا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، <MAGA> شەپكىسى ۋە مايكىسىنى كىيىشكەن، قوللىرىدا بايراقلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا، ترامپنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى. ئادىل ۋە مۇستەقىل سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ترامپنى قوللايدىغان بەزى گۇرۇپپىلار بىلەن «قاراتەنلىكلەرنىڭ ھاياتى مۇھىم (BLM)» ۋە ئانتىفا قاتارلىق گۇرۇپپىلار ئاقسارايغا يېقىن رايونلاردا دوقۇرۇشتى.

گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئاغزاكى تالاش تارتىشلاردىن باشقا يەنە، بەزى نۇقتىلاردا كىچىك سۈركىلىشلەرنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكى كۆرۈلدى.

ۋەقەدە ئافرىقىلىق بىر كىشىنىڭ پىچاقلانغانلىقىغا دائىر سۈرەتلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلدى.

ساقچىلار تېزدىن ئارىلىشىپ، گۇرۇپپىلارنى ئايرىدى. كەم دېگەندە 10 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر