چارلېس مىشېل، ياۋروپادا ئىمام يېتىشتۈرۈش ئىنستىتۇتى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز پايتەخت ۋىيېننادا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى مىشېل بىلەن كۆرۈشتى.

1525101
چارلېس مىشېل، ياۋروپادا ئىمام يېتىشتۈرۈش ئىنستىتۇتى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېباستىيان كۇرز ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ياۋروپانىڭ تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ چەت ئەل تېررورچىلىرى مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى بۇ كىشىلەرنىڭ ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر كۇرز، «سىياسىي ئىسلام» غا قارشى كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى چېگراسىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى.

ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى مىشېل بولسا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ نۇقتىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى لىنىيەلىرىنىڭ تېز ۋە ئىزچىل بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلدى.

ئاشقۇن ئىدېئولوگىيە، زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىك پىكىرلىرىنىڭ تېررورلۇقنىڭ ئاساس يارىتىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان چارلېز مىشېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مېنىڭچە، ياۋروپادا ئىماملارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىنستىتۇت قۇرۇش ئىدىيەسىنى مۇزاكىرە قىلىش تولىمۇ مۇھىم. مۇشۇنداق قىلغاندا جەمئىيەتكە بېرىلىدىغان پىكىرلەر ۋە كەڭ قورساقلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ئىماملار ئارقىلىق يەتكۈزگىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر