سۈرىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش دەۋرىدىن قالغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1523554
سۈرىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا جايلاشقان باب ناھىيەسى مەركىزىدىكى باب دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش دەۋرىدىن قالغان بومبا تېپىلغان، يەرلىك ساقچىلار، بىخەتەر رايوندا پارتلىتىش ئۈچۈن بومبىنى شەھەر مەركىزى سىرتىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، بومبا پارتلاپ كېتىپ، 3 ساقچى قازا قىلغان.

ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىقى باب ناھىيەسى مەركىزى، تۈركىيە ئىشقا ئاشۇرغان «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، 2017 – يىلى 23 – فېۋرال كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر