«پۇتىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى»
رۇسىيە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1523120
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «‹The Sun› گېزىتى» دىن ئورۇن ئالغان ۋە پۇتىنىڭ پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، شۇڭا كېلەر يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياق، پۇتىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەيدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2024 – يىلى توشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي: پەلەستىننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايمىز
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پەلەستىننىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.