ياۋروپادا كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلاندى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 231 مىڭدىن، يۇقۇملانغانلار سانى 48 مىليون 475 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 34 مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى.

1522238
ياۋروپادا كارانتىن تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 239 مىڭ 842 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 802 مىڭغا چىقتى.

ياۋروپادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 47 مىڭ 742 گە، يۇقۇملانغانلار 1 مىليون 99 مىڭغا چىقتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا چىقىرىلغان كارانتىن قارارلىرى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. باش ۋەزىر بورىس جونسون كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ 2020-يىلى 2-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 352 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 39 مىڭ 764 كە چىققان بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 30 مىڭ 550 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 790 مىڭ 377 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە بۈگۈن (2020-يىلى 5-نويابىر) دىن باشلاپ شۇ يەر ۋاقتى 22:00 دىن 05:00 كىچە 2020-يىلى 3-دېكابىرغىچە سىرتقا چىقىش چەكلەندى. دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايونلاردا ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 38 مىڭ 674 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 543 مىڭغا چىقتى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن سەھىيە ساھەسىدىكى جىددىي ھالەتنى 2021-يىلى 16-فېۋرالغىچە ئۇزارتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 38 مىڭ 118 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىسپانىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 356 مىڭغا چىقتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 25-ئۆكتەبىرگىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىسپانىيەدە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر بەزى رايونلاردا كېڭەيتىلدى.

17 ئاپتونوم رايوندىن 12 سىدە بارلىق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كىرىش-چىقىشلار چەكلەندى. باشقا رايونلاردا قىسمەن يولغا قويۇلدى.

پورتۇگالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىڭ 694 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 156 مىڭ 940 قا چىقتى. بۈگۈن (2020-يىلى 5-نويابىر) دىن باشلاپ چوڭ شەھەرلەردىكى قاتناشنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 11 مىڭ 28 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان گېرمانىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 597 مىڭ 359 غا چىقتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس ئۇچراشقان چەت ئەل ھەيئىتىدىكى بىر كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى كارانتىن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېلگىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 12 مىڭ 126 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 453 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى.

شىۋېيتسارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2 مىڭ 275 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 192 مىڭ 376 كىشى يۇقۇملاندى. شىۋېيتسارىيەدە تۇنجى قېتىم كۈنلۈك يۇقۇم سانى 10 مىڭدىن ئاشتى ۋە ئارمىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش سېپىگە قېتىلدى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن كىشى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 124 مىڭ 354 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 مىليون 364 مىڭغا چىقتى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 36 مىڭ 579، يۇقۇملانغانلار سانى 646 مىڭ 164 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 29 مىڭ 509 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، 1 مىليون 712 مىڭ كىشى يۇقۇملاندى.

ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 121 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 5 مىڭ 471 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاندا، يۇقۇملانغانلار سانى 348 مىڭ 936 گە چىقتى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن سەككىز ئاي توختىتىلغان ئۆمرە زىيارەتلىرىگە رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن چەت ئەل ئۆمرە ئۆمىكى ئۈچ كۈنلۈك كارانتىننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كەئبەنى تاۋاپ قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 161 مىڭ 170، مېكسىكا 93 مىڭ 228، پېرۇ 34 مىڭ 671، ئارگېنتىنا 32 مىڭ 520، كولومبىيە 32 مىڭ 13، چىلى 14 مىڭ 340، ئېكۋادور 12 مىڭ 704، كانادا 10 مىڭ 331، جەنۇبىي ئافرىقا 19 مىڭ 585، مىسىر 6 مىڭ 318 ۋە ئالجىرىيە 3 مىڭ 982.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر