ھەسەن رۇھانى: «ئامېرىكادىكى سايلامدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى مۇھىم ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى شۇنىڭغا كۆرە تەييارلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1521576
ھەسەن رۇھانى: «ئامېرىكادىكى سايلامدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئامېرىكادا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويماقچى بولغان سىياسىتى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

ھەسەن رۇھانى، «ئامېرىكادا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قېتىملىق سايلىمى نۇرغۇن جەھەتلەردىن ساۋاق بولدى ۋە مەن بۇنىڭ تەپسىلاتلىرىغا كىرىشنى خالىمايمەن. ئامېرىكا ئېمبارگونى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھۆرمەت قىلسا، شارائىتىمىزمۇ ئۆزگىرىدۇ. تەھدىتنىڭ ئورنىغا كەڭ قورسالىق ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىلسە. شارائىتلار پەرقلىق بولىدۇ. بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى، پرىنسىپال ھەرىكەت، ئۇسۇل ۋە سىياسەتتۇر. شەخس ۋە پارتىيەلەرنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى يوقتۇر» دېدى.

ئامېرىكانىڭ قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىنى، كۆپ يۆنىلىشلىك خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە قايتىشىنى ۋە ئىران خەلقىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھەسەن رۇھانى: «ئامېرىكادا مەيلى كىم بولسا بولسۇن، ئېمبارگو يۈرگىزىشنىڭ ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشىنى خالايمىز. بىز ئامېرىكا سايلىمىدا كىمنىڭ غەلبە قىلىشىدىن مۇستەقىل ھالدا ئىقتىسادى پىلانىمىزنى تەييارلىدۇق. نېفىتتىن سىرت، ئېكسپورت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىپ ھېساب قىلدۇق. ئەگەر ئامېرىكا ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، باشقىچە يول تۇتۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتسە، بۇ ناھايىتى ياخشى» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر