تالىبان قۇندۇز ۋالىي مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئاتقان مىناميوت ئوقى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باغچىسىغا چۈشۈپ، 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1520117
تالىبان قۇندۇز ۋالىي مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇز ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئەسمەتۇللا مۇرادى تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئاتقان مىناميوت ئوقىنىڭ ۋالىي مەھكىمىسى باغچىسىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇرادى ھۇجۇمدا ۋالىينىڭ 4 قوغدىغۇچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 8 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تالىبان بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقاندان بايانات ئېلان قىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر