ناتو: تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان مىخانىزىمدىن خۇرسەنمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان مىخانىزىمدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1514587
ناتو: تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان مىخانىزىمدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى بۆلۈمى ئاخرلاشقاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، يىغىندا، شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامە ھەمكارلىقى دائىرىسىدە، رايوندا سۈركىلىشنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ناتو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يەنە، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ۋەقەلەر ۋە قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى توقۇنۇشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قارىتا مىخانىزىمنى قىزغىن قوللىدى. ھاۋادا ۋە دېڭىزدا ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېغىر مەسئۇلىيەتتۇر. بۇ مەسئۇلىيەتنى پەقەت پاراخوتلىرىمىزنىڭ كاپىتانلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنىڭ زىممىسىگىلا يۈكلەپ قويالمايمىز. بىز سىياسىيونلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىختىلاپلىرىمىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.»

ياراشتۇرۇش مېتودلىرى مېخانىزمىنىڭ سىياسىي مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ستولتېنبېرگ، گېرمانىيەنىڭ تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشى بىلەن ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مېخانىزىمنىڭ بۇنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇنداق مىخانىزىم ئورناتقانلىقىدىن خۇرسەنمىز. دەرۋەقە، تەرەپلەر 7 كۈن، 24 سائەت ئۇچۇر - ئالاقە ئورنىتالايدىغان بىر قانال شەكىللەندۈردى. بۇ مىخانىزىمنىڭ دائىرىسىنى قانداق كېڭەيتكىلى ۋە كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا قارايمىز. تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ناتو قارارگاھىدا كۈندىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا. ئىختىلاپلار ۋە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بۈگۈنكى مىنىستىرلار يىغىنىدىمۇ بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىخانىزىمى، دىيالوگ، سۈركىلىشنى ئازايتىش ۋە ناتودىكى مىخانىزىمنى قانداق كۈچلەندۈرۈش پىلانىمىز كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر