ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ساقچى باشلىقى ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى راز مۇھەممەد دۇراندىش تالىبان بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا جېنىدىن ئايرىلدى.
1513194
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خېلىل ئەسىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچە باھاراق ناھىيەسىدە تالىبان ئەزالىرى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ساقچى باشلىقى دۇراندىش بىلەن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، تالىبانمۇ كۆپ ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن رايونغا زاپاس قسىملار ئەۋەتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.