ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لۇئىسئانا ئىشتاتىدا بىر كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى قازا قىلدى.

1511141
ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لۇئىسئانا ئىشتاتىنىڭ تېررېبوننا پارىش رايونىدا بىر كىچىك ئايروپىلان ھاتچ كۆلى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى.

ساقچى ۋە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، ئايروپىلاندىكى 2 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

قازا قىلغانلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى پېتېر كنۇدسون تېكساسنىڭ برېنخام شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ ئايرودورۇمغا  يېقىن جايغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر