ئىتالىيەدە ئەرمېنىيەگە قارشى تۇرۇپ ئەزەربەيجاننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىتالىيەدە ياشايدىغان ئەزەربەيجان تۈركلىرى، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىنى بومباردىمان قىلىشى ۋە تاغلىق قاراباغدىكى ئىشغالىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1510038
ئىتالىيەدە ئەرمېنىيەگە قارشى تۇرۇپ ئەزەربەيجاننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 300 كىشى پايتەخت رىمدىكى ئاۋام پالاتاسى بىناسى ئالدىدىكى مونتېكىتورىئو مەيدانىغا يىغىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغنى ئىشغال قىلىنغانلىقىغا ۋە يېقىندىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتەئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرى لەپىلدىگەن نامايىشتا، «قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭدۇر»، «خوجالى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»، «خوجالىغا ئادالەت»، «ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلار چىقىرىلدى. نامايىشچىلار يەنە «قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭدۇر»، «خوجالىغا ئادالەت»، «گەنجەدە پۇقرالار قىرغىن قىلىنماقتا» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر