سابىق سېربىيە قوماندانى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادىكى ئۇرۇش جەريانىدا سابىق سېربىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىدە باتالىيون قوماندانى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سرېككو ئاكىموۋىچ سرېبرېنىتسادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1510402
سابىق سېربىيە قوماندانى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سوت مەھكىمىسى، ئۇرۇش جەريانىدا سېربىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىدە زۋورنىك بىرىگادىسىنىڭ ئىككىنچى باتالىيون قومدانى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاكىموۋىچنىڭ، 1995-يىلى سرېبرېنىتسادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قاتناشقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سابىق سېربىيە ئارمىيەسىنىڭ 1995 – يىلى 6 – ئىيۇل كۈنى رايوندىكى بوشناق پۇقرالارغا قارشى قوزغىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن نەتىجىلەنگەن ھۇجۇملاردىن ئاكىموۋىچنىڭمۇ جااۋبكار ئىكەنلىكى، سابىق سېربىيە قوماندانىنىڭ  «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر