ئافغانىستاندا ئىككى ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە ئىككى ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 9 كىشى قازا قىلدى.
1508761
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت « MI-17» تىپلىق ئىككى ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان، ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ ناۋې ناھىيەسىدە قوزغالغاندىن كېيىنلا، تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن. قازادا 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناۋې ناھىيەسىدە يارىدار ئەسكەرلەرنى ئالغان تىك ئۇچار ئايروپىلانلار قوزغالغاندىن كېيىنلا سوقۇشۇپ كەتكەن، قازادا 10 دىن ئارتۇق ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.