پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى لاگېرلىرى سىنغا ئېلىندى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق سىنجار ناھىيەسىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1508229
پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى لاگېرلىرى سىنغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ سىنجار ناھىيەسىدە ھەربىي ۋە سىياسىي  پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت لاگېرلار ۋە سىياسىي پائالىيەت ساھەلىرىنى سىنغا ئالدى.

ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە، پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بېرىش ماددىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى، تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى لاگېرلىرىنى سىنغا ئېلىش ئارقىلىق، تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سىنغا ئالغان كۆرۈنۈشلەردە، پ ك ك تېررورچىلىرى ئورۇنلىشىۋالغان سىنجاردا، تەشكىلاتقا ئائىت مەشىق لاگېرلىرى، ئاتالمىش خەلق مەجلىسلىرى ۋە كونترول نۇقتىلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ.

باغداد ۋە ئەربىل ئوتتۇرىسىدىكى سالاىيىتى تالاش – تارتىشلىق رايونلاردىن بىرى بولغان، ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىنجاردىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، 9 – ئۆكتەبىر كۈنى پايتەخت باغداددا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان يىغىنغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىراق ئالاھىدە ۋەكىلى Jeanine hennis، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ھەيئىتى ۋە ئەزىيى خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقانىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، 2014 – يىلى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى باھانە قىلىپ، سىنجار ۋە ئەتراپىغا ئورۇنلىشىۋالغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر