دونالد ترامپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىلەشتى.

1507290
دونالد ترامپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي مۇئاۋىن باياناتچىسى جۇد دىر، ترامپ بىلەن ئەل نەھيان ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەل نەھيان دونالد ترامپ ۋە ئايالى مېلانا ترامپنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمىنى يەڭگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان، ترامپمۇ ئەل نەھياننىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت ئېيتقان.

باياناتتا يەنە، كوۋىد -19 يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ترامپ ئىبراھىم كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش جەريانىدىكى رەھبەرلىكى ئۈچۈن تەخت ۋارىسى شاھزادەنى تەبرىكلىدى ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئوخشاش يولدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ئۈچۈن تەخت ۋارىسى شاھزادىگە چاقىرىقتا بولدى» دېيىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13-ئاۋغۇستتا ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋە 11-سېنتەبىردە ئىسرائىلىيە بىلەن بەھرەيننىڭ «مۇناسىۋەتلىرىنى پۈتۈنلەي نورماللاشتۇرۇش» ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

15-سىنتەبىردە ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىمدا، ئىسرائىلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا «مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش» كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر