ئىراندا مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئىراننىڭ چاھار ماھال-بەختىيارى ئۆلكىسىدە بىر كىشىلىك مەشىق ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇچقۇچى يارىلاندى.

1506813
ئىراندا مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاق ئورۇندۇقلۇق مەشىق ئايروپىلانى چاھار ماھال-باختىيارى ئۆلكىسىنىڭ شەھرەكورد ناھىيەسىگە يېقىن شەھەر ئايرودرومى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن.

خەۋەردە ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئاشكارىلانمىدى، ئۇچقۇچىنىڭ يارىدار ھالەتتە قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى ۋە ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئەلبۇرز ئۆلكىسىنىڭ نازاراباد ناھىيەسىدىمۇ 25 - سىنتەبىردە، بىر مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر