دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 36 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليون 67 مىڭ 555 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 36 مىليون 802 مىڭ 550 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 27 مىليون 696 مىڭ 570 تىن ئاشتى.

1506075
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 36 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 217 مىڭ 750 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 7 مىليون 834 مىڭ 289 كىشى يۇقۇملانغان ئامېرىكادا، نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دېبلاسىيو ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا ئېشىش كۆرۈلگەن رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ تاقاش قارارى چىقىرىلغان مەكتەپلەر سانىغا يېڭىدىن 61 مەكتەپنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، جەمئىي 169 مەكتەپنىڭ ئىككى ھەپتە تاقىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 77 كىشى ئېشىپ 45 مىڭ 592 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 17 مىڭ 540 كىشى ئېشىپ 561 مىڭ 815 كە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 22 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 36 مىڭ 83 كە، 4 مىڭ 458 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 338 مىڭ 398 گە چىقتى.

ئىتالىيە سەھىيە مىنىستىرى روبېرتو سپېرانزا (Roberto Speranza) نىڭ مەسلىھەتچىسى ۋولتېر رىككاردى (Walter Ricciardi): «ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك، دېكابىر ئېيىدا كۈنلۈكى 16 مىڭ يۇقۇم خەتىرىگە دۇچ كېلىمىز» دېدى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 76 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 32 مىڭ 521 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 18 مىڭ 129 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 671 مىڭ 638 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى سەۋەبىدىن، پارىژدىن باشقا، لىللې، گرېنوبل، لىئون ۋە سائىنت-ئېتىيەن شەھەرلىرىدە شەنبە (2020-يىلى 10-ئۆكتەبىر) كۈنىدىن باشلاپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ «يۇقىرى ئاگاھلاندۇرۇش» سەۋىيەسىگە چىقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 9 مىڭ 589 غا چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە 4 مىڭ 516 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 314 مىڭ 660 قا چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 987 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاۋستىرالىيەدە، يېقىنقى 48 سائەتتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. بۇ دۆلەتتە 267 يۇقۇملانغۇچى بار.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 25 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان يېڭى زېلاندىيەدە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 41.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 964 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن جەمئىي سان 106 مىڭ 490 غا، 70 مىڭ 496 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 906 مىڭ 151 گە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 37 مىڭ 452 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 556 مىڭ 17 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقادا 17 مىڭ 408 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 686 مىڭ 891 كىشى يۇقۇملاندى. مىسىردا 6 مىڭ 17 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 104 مىڭ 156 كىشى يۇقۇملاندى. ماراكەشتە 2 مىڭ 468 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 142 مىڭ 953 كىشى يۇقۇملاندى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 149 مىڭ 34، مېكسىكا 83 مىڭ 96، پېرۇ 33 مىڭ 98، ئىسپانىيە 32 مىڭ 688، كولومبىيە 27 مىڭ 331، ئارگېنتىنا 22 مىڭ 710، چىلى 13 مىڭ 167، ئېكۋادور 12 مىڭ 141، بېلگىيە 10 مىڭ 126، ئىران 27 مىڭ 888، رۇسىيە 22 مىڭ 56 ۋە ھىندونېزىيە 11 مىڭ 580.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر